رۇسىيەدىن بىر كۈندە 80 ئايروپىلان كەلدى

(ۋۇخەن ۋىرۇسى) كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن  توختىتىلغاك ئايروپىلان قاتنىشى قايتىدىن باشلىنىشى بىلەن تەڭ، رۇسىيەدىن ئانتالياغا بىر كۈندە 80 ئايروپىلان كەلدى.

1470951
رۇسىيەدىن بىر كۈندە 80 ئايروپىلان كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان شەھەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ئانتاليا، رۇسلارغا نىسبەتەنمۇ كەم بولسا بولمايدىغان ساياھەت رايونلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرىدۇ.

ئانتاليا ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بۇلتۇر بۇ شەھەرگە ساياھەتكە كەلگەن 15 مىليون 644 مىڭ 108 ساياھەتچىنىڭ 5 مىليون 582 مىڭ 763 نى رۇسلار تەشكىل قىلغان.

مارت ئېيىدا تۈركىيە بىلەن روسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئايروپىلان قاتنىشى توختىتىلغان بولۇپ، تۈنۈگۈن (10 – ئاۋغۇست) قايتىدىن ئۇچۇش باشلىنىشى بىلەن تەڭ ئانتالياغا 23 مىڭدىن ئارتۇق يولۇچى كەلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر