گېرمانىيە تۈركىيەگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇردى

گېرمانىيە ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) يۈزىسىدىن تۈركىيەگە قارىتا چىقارغان ساياھەت چەكلىمىسى تىزىملىكىدىن ئايدىن، ئانتاليا، ئىزمىر ۋە مۇغلا قاتارلىق شەھەرلەرنى چىقىرىۋەتتى.

1467347
گېرمانىيە تۈركىيەگە قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى قىسمەن ئەمەلدىن قالدۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىنتېرنېت سەھىپىسىگە چىقىرىلغان باياناتتا، ئايدىن، مۇغلا، ئىزمىر ۋە ئانتاليا ئۈچۈن ساياھەت چەكلىمىسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ساياھەتچىلەرنىڭ تۈركىيەدىن گېرمانىيەگە قايتىپ 48 سائەت ئىچىدە چوقۇم سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈشىنىڭ شەرت ئىكەنلىكى خاتىرىلىتىپ ئۆتۈلدى.

گېرمانىيە، كوۋىد – 19 سەۋەبىدىن 31 – ئاۋغۇستقىچە ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شەنگەن رايونى (ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئەركىن ساياھەت قىلىش كېلىشىمىگە تەرەپ بولغان دۆلەتلەر) سىرتىدىكى 160 ئۈچۈن ساياھەت چەكلىمىسى چىقارغانىدى.

بۇ جەرياندا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي تىۋىتتېر ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن <سالامەت ساياھەت قىلىش پىلانى> دائىرىسىدە گېرمان مېھمانلىرىمىزنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر