تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ماكېدونىيەگە قۇربانلىق گۆشى ياردەم قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى شىمالىي ماكېدونىيەدە 1400 باش ھايۋاننىڭ قۇربانلىق گۆشىنى 3 مىڭغا يېقىن مۇھتاج ئائىلىگە يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىدى.

1465314
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ماكېدونىيەگە قۇربانلىق گۆشى ياردەم قىلىشقا باشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ شىمالىي ماكېدونىيە 2 – رايونلۇق ئەترىتىنىڭ مەسئۇلى فۇئات ئېمىن، شىمالىي ماكېدونىيە ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھتاجلارنى ھېچقاچان يالغۇز تاشلاپ قويمىغان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مىليونلارچە مەزلۇمنىڭ داستىخانلىرىغا تۈنۈگۈندىن ئېتىبارەن قۇربانلىق گۆشلىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە باشلىغانلىقىنى، بۇ پائالىيەتنىڭ ھېيت بويىچە داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ دېدى: «شىمالىي ماكېدونىيەدە ئۈسكۈپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇمانوۋا، رەسنە، ماناستىن قاتارلىق شەھەر ۋە يېزىلاردا 3 مىڭغا يېقىن ئائىلىگە قۇربانلىق گۆشىنى يەتكۈزۈپ بېرىمىز. <ۋۇخەن ۋىرۇسى> باسقۇچىدىكى مۇشەققەتلىك ھاياتتا، شىمالىي ماكېدونىيەدىكى خەلقنىڭ بىرئاز بولسىمۇ دەردىگە دەرمان بولۇش مەقسىتىدە ھەرىكەت قىلىۋاتىمىز. بۇ دائىرىدە، بۈگۈن بۇ يەردىمۇ بۇ ئېھتىياجنى قامداشقا تىرىشتۇق. ئوخشىمىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى يەنە شىمالىي ماكېدونىيەدە تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر