ئېكسپورت ئىيۇن ئېيىدا %15.7 ئاشتى
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.7 ئېشىپ 13 مىليارد 462 مىليون دوللارغا يەتتى.
1463819
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسى بىلەن سودا مىنىستىرلىقى ھەمكارلىشىپ تەييارلىغان ئىيۇن ئېيىغا ئالاقىدار ۋاقىتلىق تاشقى سودا سانلىق مەلۇماتلىرى ئېلان قىلىندى.
ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئومۇمىي سودا سىستېمىسى دائىرىسىدە ئېكسپورت ئىيۇن ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %15.7 ئېشىپ 13 مىليارد 462 مىليون دوللارغا يەتكەن.
تاشقى سودا قىزىل رەقىمى ئىيۇن ئېيىدا %17 تۆۋەنلەپ، 2 مىليارد 486 مىليون دوللارغا چۈشكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.