گېرمانىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى ئانتالىيەدىكى ساياھەت ئورۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرمەكتە
گېرمانىيە ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىخەتەر ساياھەت گۇۋاھنامەسىنى تونۇتۇش مەقسىتىدە ئانتالياغا كەلدى.
1461659
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى ناسدىر ئالپئاسلان، كوۋىد – 19 نىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش دائىرىسىدە يولغا قويۇلغان چارە – تەدبىرلەرنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن ئانتالياغا كەلگەن گېرمانىيەنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ساياھەت شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.
گولف توپ مەيدانلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋەكىللەر، كەچتە مۇراتپاشا ناھىيەسىدىكى بىر مېھمانخانىدا بېرىلگەن زىياپەتكە ئىشتىراك قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە گېرمانىيە ھەيئىتى بۈگۈنمۇ ئانتاليادىكى پەرگە قەدىمىي شەھىرىنى سەيلەپ قىلىدىكەن ۋە شەھەردىكى بىر قىسىم مېھمانخانىلارنى كۆزدىن كەچۈرىدىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.