ئامېرىكادا 20 دىن ئارتۇق شەھەردە ئىشچىلار ئىش تاشلىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا 20 دىن ئارتۇق شەھەردە ئىشچىلار ئىرقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىققا قارشى ئىش تاشلاپ، خىزمەت شارائىتلىرىنىڭ ياخشىلاپ بېرىلىشى ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزدى.

1458802
ئامېرىكادا 20 دىن ئارتۇق شەھەردە ئىشچىلار ئىش تاشلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «قارا تەنلىكلەرنىڭ ھاياتى ئۈچۈن ئىش تاشلاش» دەپ ئاتالغان نامايىشلار، ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى، ئاممىۋى ۋە ئىرقىي ئادالەت تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.

نامايىشلارنى، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» مەزگىلىدە ئۆيلىرىدىن ئىشلىيەلمىگەن سەھىيە، قاتناش ۋە يېمەك - ئىچمەك ساھەلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆپ ساندا ئىشچى قوللىدى.

نىيۇ يوركنىڭ مانھاتتان رايونىدىكى ترامپ خەلقئارا مېھمانسارىيىنىڭ سىرتىدىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

نامايىشچىلار دۆلەتتە ساقچى زوراۋانلىقى سەۋەبىدىن قازا قىلغان تېگى ئافرىقالىق ئامېرىكالىقلار ئۈچۈن ھۆرمەتتىمۇ تۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر