رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلىنىدۇ
رۇسىيە بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ بۈگۈندىن ئېتىبارەن قايتا ئۇچۇشىنى باشلاش كېلىشىمى تۈزۈلدى.
1455505
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتناش ۋە ئۇل ئەسلىھە مىنىستىرى ئادىل قارائىسمايىلئوغلۇ كوۋىد-19 يۇقۇمىدىن نورماللىشىش مەزگىلىگە ئۆتۈش ئۈچۈن تاشلانغان قەدەملەر دائىرىسىدە، 11 - ئىيۇندىن ئېتىبارەن 31 دۆلەت بىلەن ئۇچۇش باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈگۈندىن ئېتىبارەن رۇسىيە بىلەنمۇ نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشىنى باشلاش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلدۇق» دېدى.
31 دۆلەت بىلەن ئۇچۇشنى قايتا باشلاشتىن باشقا يەنە، 20 دۆلەت بىلەنمۇ سۆھبەتلەر داۋاملاشماقتا.
رۇسىيەنىڭمۇ قېتىلىشى بىلەن قايتا ئايروپىلان سەپەرلىرى باشلانغان دۆلەتلەرنىڭ سانى 32 گە ئۆرلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.