ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا HSBC، مىڭلارچە خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا HSBC ، يەرشارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئىشلەۋاتقان خىزمەتچىلىرىدىن 35 مىڭ ئادەمنى قىسقارتىش پىلانىنى يولغا قويغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1438392
ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا HSBC، مىڭلارچە خىزمەتچىسىنى قىسقارتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەدىكى ئەڭ چوڭ بانكا HSBC نىڭ خىزمەتچىلىرىگە ئەۋەتكەن ئۇقتۇرۇشىدا، 2- ئايدا ئېلان قىلىنغان  بولسىمۇ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) سەۋەبىدىن توختىتىپ قويۇلغان 35 مىڭ ئادەمنى خىزمەتتىن بوشىتىش توغرىسىدىكى پىلاننى قايتىدىن ئىجرا قىلىشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بانكىنىڭ باش دىرېكتورى نوئېل كۇئىننىڭ ئىمزاسى قويۇلغان ئۇقتۇرۇشتا، «بىز نۆۋەتتە 235 مىڭ ئادەمنى ئىشلىتىۋاتىمىز. ئوتتۇرا مەزگىلدە ئۇنى 200 مىڭغا قىسقارتىشنى پىلانلىدۇق» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

كۇئىن، يۇقۇم سەۋەبىدىن مارت ئېيىدا خىزمەتچى خادىملارنى قىسقارتىش پىلانىنىڭ توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئاستىلىتىپ كارانتىندىن چىقماقتا. بىرىنچى چارەكتە پايدىمىزنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى كۆرىسىلەر. بارلىق ئىقتىسادىي مۆلچەرلەر بىزنىڭ ناھايىتى قىيىن بىر دەۋرگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىمىزنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. شۇڭا، خىزمەتچى خادىملارنى قىسقارتىشنى قايتا باشلاش كۇنۇپكىسىغا بېسىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر