تۈركىيە 20 دۆلەت گۇرۇھى ئىچىدىكى ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرەلىگەن ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى بولدى
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىغا قارىماي، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت تۈركىيە بىلەن ھىندىستاننىڭلا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى(OECD) ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا قارىماي، بۇ يىلنىڭ بىرىنچى چارىكىدە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە پەقەت تۈركىيە بىلەن ھىندىستاننىڭلا مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ئاشۇرالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى، بىرىنچى چارەكتە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشىغا ئالاقىدار دوكلاتىنى ئېلان قىلدى.
بۇنىڭغا ئاساسەن ، تۈركىيە بىرىنچى چارەكتە 2019- يىلىنىڭ بىرىنچى چارىكىگە سېلىشتۇرغاندا % 0.6 ، ھىندىستان بولسا، % 0.7 ئېشىشنى قولغا كەلتۈردى.
تۈركىيە يەنە، بىرىنچى چارەكتە يىللىق مىقداردا %4.4 لىك ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھى دۆلەتلىرى ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىي ئېشىشنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەت بولدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.