تۈركىيە پەلەستىن ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە يېقىندىن ياردەمچى بولماقتا

تۈركىيەنىڭ قۇددۇستا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسىنىڭ سودا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ساباھاددىن تارھان، تۈركىيەنىڭ پەلەستىن ئىقتىسادىغا ھەمدەم بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

1429849
تۈركىيە پەلەستىن ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىگە يېقىندىن ياردەمچى بولماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساباھاددىن تارھان، ئىشغال ئاستىدىكى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىنىڭ نابلۇس شەھىرىدىكى نابلۇس شەھەرلىك سودا – سانائەت باشقارمىسىنى زىيارەت قىلغاندا سۆز قىلىپ، «تۈركىيە، پەلەستىن مەھسۇلاتلىرىغا بازار يارىتىش، پەلەستىن شىركەتلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھالدا تۈرك شىركەتلىرى بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىنىڭ ئاساسىنى بەرپا قىلىش، سودا – سانائەتچىلەرگە كۆپ قېتىم كىرىپ – چىقىشقا بولىدىغان ۋىزا بېرىش ۋە پەلەستىن شىركەتلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئېچىلىدىغان يەرمەنكىلەرگە قاتنىشىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېگەندەك ئۇسۇللار ئارقىلىق پەلەستىن ئىقتىسادىغا ياردەم بېرىشكە تىرىشىۋاتىدۇ» دېدى.

نابلۇس شەھەرلىك سودا – سانائەتچىلەر باشقارمىسى ئىجرائىيە ئىشلىرى رەئىسى ئۆمەر ھاشىممۇ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

تۈركىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدا 2004 – يىلى ئىمزالانغان ئەركىن سودا كېلىشىمى سايىسىدا، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ھەجىمى يىللىق 657 مىليون دوللارغا يەتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر