ئانتاليادا سەيلە - ساياھەت پاراخوت ۋە كېمىلىرىنىڭ يېڭىدىن پائالىيەت باشلىشىغا رۇخسەت قىلىندى

ئانتاليادا سودا ساياھىتى پاراخوتلىرى ۋە كۈندىلىك سەيلە – ساياھەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساياھەت كېمىلىرىنىڭ قايتىدىن پائالىيەت باشلىشى قارار قىلىندى.

1428402
ئانتاليادا سەيلە - ساياھەت پاراخوت ۋە كېمىلىرىنىڭ يېڭىدىن پائالىيەت باشلىشىغا رۇخسەت قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالاقىدار دائىرىلەر، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) غا تاقابىل تۇرۇش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە توختىتىپ قويۇلغان سودا ساياھىتى ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەقسەتلىك قارماقتا بېلىق تۇتۇش پاراخوتلىرى بىلەن كۈندىلىك سەيلە – ساياھەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ساياھەت كېمىلىرىنىڭ نورمالدىكىنىڭ يېرىمىچىلىك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىشنى قارار قىلدى.

پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت قىلىنغان كېمىلەرنىڭ تازىلىق بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىشى تەلەپ قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر