ياپونىيە ئىچكى ساياھەتنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

ياپونىيە ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) نىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ساياھەت ساھەسىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن دۆلەت مىقياسىدا ساياھەتكە بارغۇچىلارغا كۈندىلىك 20 مىڭ يەن (185 دوللار) ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

1424055
ياپونىيە ئىچكى ساياھەتنى جانلاندۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باش ۋەزىر شىنزو ئابې ھۆكۈمىتى، ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ساياھەتچىلىكنى جانلاندۈرۈش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان «ساياھەت قىل» سەپەرۋەرلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئىيۇن ئېيىدىن تارتىپ يولغا قويۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان 1 مىليارد 35 تىرىليون دوللار قىممىتىدىكى پىلاندىن، ياپونىيە ساياھەت ئورۇنلىرى ياكى ئەنئەنىۋى «ريوكان» مېھمانخانلىرىدىن ئورۇن ئاجراتقۇچىلار پايدىلىنالايدىكەن.

پىلاندا كۆرسىتىلىشىچە، مېھمانخانا، يېقىن ماگزىن ۋە رېستورانلار، شۇنداقلا ساياھەت چىقىملىرىنىڭ يېرىمى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن كۆتۈرۈلىدىكەن.

سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى، چەت ئەلدىن ياپونىيەگە بارىدىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر