پاتارا ۋە چىرالى ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىلى تىزىملىكىگە كىردى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى»، ساياھەتنىڭ پايتەختى ئانتاليانىڭ پاتارا ۋە چىرالى رايونلىرىنى ياۋروپانىڭ ئەڭ ياخشى 30 دېڭىز ساھىلى قاتارىغا كىرگۈزدى.

1411027
پاتارا ۋە چىرالى ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىلى تىزىملىكىگە كىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەمەر ناھىيەلىك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشلىقى نەجاتى توپالئوغلۇ يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ۋۇخەن ۋىرۇسى (كوۋىد – 19) دىن كېيىن تەتىل ئۆتكۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى دېڭىز ساھىللىرىنى تاللاپ چىققان ئەنگلىيەنىڭ «مۇھاپىزەتچىلەر گېزىتى» نىڭ تىزىملىكىدە، ئىككىسى ئانتاليادا بولۇپ تۈركىيەدىن جەمئىي 5 دېڭىز ساھىلىنىڭ ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئانتاليانىڭ پاتارا ۋە چىرالى دېڭىز ساھىللىرىنىڭ مەزكۇر تىزىملىكتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن توپالئوغلۇ، «رايونىمىز يەرلىك ۋە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ يەر دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ ئۇۋا سېلىش ماكانى. مېھمانلىرىمىز يەنە كۈن چىققاندا بالا دېڭىز تاشپاقىلىرىنىڭ دېڭىز بىلەن ئۇچرىشىشىنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ. بىز ساياھەت پەسلىگە تەييارمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر