ۋىرۇس  ئىسرائىلىيە ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇشقا سۆرىمەكتە

يېڭى تىپتىكى تاجىسىمان ۋىرۇس (Kovid-19) ئىسرائىلىيە ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇشقا سۆرىمەكتە.

1396877
ۋىرۇس  ئىسرائىلىيە ۋە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى پەلەستىننىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران بولۇشقا سۆرىمەكتە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: غەززە قورشاۋىنى بۇزۇپ تاشلاش كومىتىتى باشلىقى جەمال ئەلھۇدارىنىڭ يازما باياناتىدا، «غەززە ۋە غەربىي قىرغاقتىىدىكى ئىشغالىيەتكە، قورشاۋغا ۋە كوۋىد -19 غا قارشى كۈرەش دائىرىسىدە ئېلىنغان تەدبىرلەر سەۋەبىدىن، ئىقتىسادىي يېمىرىلىش داۋاملىشىدىغان بولسا، بۇ چوڭ بىر ئاپەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ» دېدى.

جەمال ئەلھۇدارى: «كرىزىس ناھايىتى چوڭ ۋە ئىشچىلار، زاۋۇتلار بىلەن سودا، دېھقانچىلىق، ساياھەت ۋە قۇرۇلۇش ساھەلىرىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى ھەقىقەتەن خەتەرلىك» دېگەننى تەكىتلەپ، ئىقتىسادنىڭ ناھايىتى تېز ۋە كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر شەكىلدە چېكىنىشكە باشلىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ قامال قىلىشى ئاستىدىكى غەززەدە كرىزىسنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

جەمال ئەلھۇدارى ئىشغالىيەت سەۋەبىدىن باشتىنلا قېيىنچىلىق ئىچىدە قالغان ساھەلەرگە ياردەم قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە ئەرەبلەرگە ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغا چاقىرىق ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر