تۈركىيە يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا 69 دۆلەتكە پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلدى

ئۇلۇداغ ئېكىسپورتچىلار بىرلەمشمىسى (UIB) دىن ئىگىلەنگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، تۈركىيەنىڭ مۇنبەت تۇپراقلىرىدا ئىشلەپچىقىرىلغان پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت سودىسى، بۇلتۇرنىڭ يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، %12.3 ئاشقان.

1379735
تۈركىيە يانۋار ۋە فېۋرال ئايلىرىدا 69 دۆلەتكە پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىن بۇ مەزگىلدە 69 دۆلەتكە 26 مىليون 631 مىڭ ئامېرىكا دوللارلىق مەھسۇلات يوللاندى. پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلغۇچىلار ئەڭ كۆپ ئىراققا ئېكسپورت قىلدى. ئىراققا قىلىنغان پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورتى بۇلتۇرنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىغا سېلىشتۇرغاندا %7 ئېشىپ، ئەسلىدىكى 16 مىليون 714 مىڭ دوللاردىن 17 مىليون 895 مىڭ دوللارغا يەتتى. ئىراققا  قىلىنغان ئومۇمىي پەمىدۇر ئېكسپورت  سوممىسىنىڭ %67 نى تەشكىل قىلدى.

ئىراقتىن قالسىلا ئەڭ كۆپ ياپونىيەگە پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلىندى.

گېرمانىيە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرغان بولۇپ، گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت %64 ئاشتى. گېرمانىيەگە قىلىنغان ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 947 مىڭ دوللاردىن 1 مىليون 554 مىڭ دوللارغا يەتتى.

تۈركىيەدىن سەئۇدى ئەرەبىستانغا قىلىنغان پەمىدۇر ئېكسپورت سوممىسى 4 ھەسسە ئېشىپ،  ئەسلىدىكى 323 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىن  1 مىليون 326 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى.

گوللاندىيەگە قىلىنغان پەمىدۇر قىيامى ئېكىسپورتىنىڭ 11 مىڭ دوللاردىن 170 مىڭ دوللارغا ئۆرلىشى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئۆتكەن يىلى 1-ئايدىن 2-ئايغىچە پەمىدۇر يوللانمىغان ئىتالىيەگە 95 مىڭ دوللارلىق، پاكىستانغا 32 مىڭ دوللارلىق، فىنلاندىيەگە 18 مىڭ دوللارلىق ۋە ئۇكرائىناغا 3 مىڭ دوللارلىق پەمىدۇر قىيامى ئېكسپورت قىلىندى.

شۇنىڭدەك، بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە پەمىدۇر يوللانمىغان كوسوۋا، قازاقىستان، جەنۇبىي كورېيە، تاجىكىستان، خوڭكوڭ، فىلىپپىن ۋە ئانگولاغىمۇ پەمىدۇر قىيامى يوللانغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر