ۋۇخەن ۋىرۇسى رۇسىيەگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالماقتا

يېڭى تىپتىكى ۋۇخەن ۋىرۇسى (Kovid-19) يۇقۇمى ۋە نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى قاتارلىق بېسىملار سەۋەبىدىن، رۇسىيە رۇبلىسى ۋە پېرېۋوت قىمىتىنىڭ تۆۋەنلىشى مۇشۇ ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدىمۇ داۋاملاشتى.

1379025
ۋۇخەن ۋىرۇسى رۇسىيەگە ئېغىر ئىقتىسادىي زىيان سالماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋۇخەن ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشى ۋە نېفىت باھاسىدىكى زىياننىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، رۇسىيە رۇبلىسىنىڭ قىممىتى دوللار بىلەن سېلىشتۇرغاندا % 2.84  تۆۋەنلەپ، 74.6 گە چۈشۈپ قالدى. ياۋروغا سېلىشتۇرغاندا% 3.1 تۆۋەنلەپ، 83 كە چۈشتى.

موسكۋا ئاكسىيە بازىرى (MICEX) كۈننىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا % 3.15 تۆۋەنلەپ، 2.243 نۇمۇرغا، RTS كۆرسەتكۈچى% 1.83 تۆۋەنلەپ، 973 نومۇرغا چۈشۈپ قالدى.

تەھلىلچىلەر ۋۇخەن ۋىرۇسى ئاپىتىگە بولغان ئەندىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ۋە نېفىت باھاسىنىڭمۇ تەكرار تۆۋەنلەشكە يۈزلەنگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

روسىيەنىڭ ئاساسلىق ئېكسپورت تۈرى نېفىت بولۇپ،  برېنت تىپىدىكى نېفىتنىڭ ۋارىل باھاسى% 6.2 تۆۋەنلەپ، 31.76 گە چۈشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر