ئاسىيا پاي بازارلىرى بۈگۈنمۇ تۆۋەنلىدى

ھەپتىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدە ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا سېتىشنى ئاساس قىلغان ۋەزىيەت كۆرۈلدى.

1377819
ئاسىيا پاي بازارلىرى بۈگۈنمۇ تۆۋەنلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈنۈگۈن (2020-يىلى 12-مارت) ۋۇخەن ۋىرۇسى ئەندىشەلىرى سەۋەبىدىن تارىخىي تۆۋەنلەشنىڭ بىرىنى باشتىن كەچۈرگەن ئاسىيا پاي چېكى بازارلىرىدا، مەركىزىي بانكالارنىڭ ئىقتىسادىي پائالىيەتنى قوللاش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى يولغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن (13-مارت) مۇ تۆۋەنلەش داۋام قىلماقتا.

خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلارنىڭ سانىدا ئېشىش سۈرئىتى توختىغان بولسىمۇ، ۋىرۇس تارقىلىش مەركىزىنىڭ ياۋروپاغا يۆتكەلگەنلىكى توغرىسىدىكى باياناتلار ۋە ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ ئامېرىكا ھەمدە ياۋروپا قىتئەلىرىدە تېز كۆپىيىشى، ۋىرۇس مەسىلىسىنىڭ كۈنتەرتىپتە تۇرۇشىغا سەۋەب بولماقتا.

ئۆزگىرىشلەر نەتىجىسىدە، خىتايدا شاڭخەي بىرلەشمە ئىندېكسى %1.5 تۆۋەنلەپ 2858.60 نومۇر بولدى.

ياپونىيەدە نىككېي (Nikkei) 225 ئىندېكسى %6.08 تۆۋەنلىدى ۋە بۈگۈننى 17431.05 نومۇر بىلەن ئاخىرلاشتۇردى. دوللار-يىن ئالماشتۇرۇش نىسبىتى %0.9 ئۆسۈپ 105.5 سەۋىيەسىگە چۈشتى.

ھىندىستاندا سېنسېكس (Sensex) ئىندېكسى %011 تۆۋەنلەپ 32720.75 نومۇر بولدى.

خوڭكوڭ خاڭ سېڭ ئىندېكسى %2.58 تۆۋەنلەپ 23687.70 نومۇر بولدى.

جەنۇبىي كورېيە كوسپى (Kospi) ئىندېكسى %3.40 تۆۋەنلەپ 1771.40 نومۇر بولدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر