ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە ۋىزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاكسوي تۈركىيەنىڭ بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتا ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشتا، ساياھەتچىلىك، سودا-ئىقتىساد ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

1362824
ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگە ۋىزا ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاكسوي تۈركىيەنىڭ بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىگە قارىتا ۋىزىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قارارى توغرىسىدىكى سوئاللارغا يازما جاۋاب قايتۇردى.

ئۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاقى شەنگەن (Schengen) رايونى ئەزالىرىدىن ئاۋستىرىيە، بېلگىيە، گوللاندىيە، ئىسپانىيە، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى پۇقرالىرى تۈركىيەنى ساياھەت قىلغاندا، 2020-يىلى 2-مارتتىن باشلاپ ھەر قېتىملىق 180 كۈندە 90 كۈن ۋىزىسىز تۇرۇشى قارار قىلىندى» دېدى.

ئۇ مەزكۇر قارار ئارقىلىق يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان دۆلەتلەر بىلەن ساياھەتچىلىكىنى كۈچەيتىشنىڭ مەقسەت قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر