ئەردوغان: ئۆزبېكىستان - تۈركىيە سودا ھەجىمىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىمىز

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئۆزبېكىستان بىلەن ئىمپورت – ئېكسپورت رەقەملىرىنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1362938
ئەردوغان: ئۆزبېكىستان - تۈركىيە سودا ھەجىمىنى 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان بىلەن دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن تۈركىيەگە كەلگەن ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ، جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسىدە ئۆتكۈزگەن ئايرىم ئۇچرىشىش ۋە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشى يىغىنىدىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

سۆزىنىڭ بېشىدا «قېرىندىشىم» دەپ ئاتىغان ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى ھەيئەتنى كۈتۈۋالغانلىقىدىن خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەردوغان، يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېڭىشىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىشى بىلەن تارىخىي بىر قەدەمنىڭ تاشلانغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مۇزاكىرە جەريانىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ بارلىق يوللىرىنى كۆزدىن كەچۈرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ئەردوغان، «سودا ھەجىمىمىز 2019 – يىلى بىر ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %27 ئەتراپىدا ئاشتى. سودىمىزنىڭ 2.2 مىليارد دوللارغا يېتىشى ئەلۋەتتە مۇھىم بىر ئۇتۇقتۇر. ئىككى دۆلەت سودىسىدا تۇنجى قېتىم ھەم ئېكسپورت ھەم ئىمپورت سانلىق مەلۇماتلىرىدا بىر مىليارد دوللاردىن ئېشىش كۆرۈلدى. بىراق تېخى بېسىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك بولغان مۇساپە بار. ھۆرمەتلىك پىرېزىدېنت بىلەن بۇنى ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 5 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى پىلانلىدۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئەردوغان يەنە، مېھمان پىرېزىدېنت بىلەن قاتناش، ئېنېرگىيە، سەھىيە، ساياھەتچىلىك، مائارىپ، مۇداپىئە سانائىتى ساھەلىرىدىكى ھەمكارلىق ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلەرنى قانداق گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىمۇ پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ ئۆتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر