سودا كېلىشىمى گېرمانىيەنىڭ ئېكسپورتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ، كېلەر يىلى (2021) گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى تەخمىنەن 4.5 مىليارد دوللار ئازايتىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

1361065
سودا كېلىشىمى گېرمانىيەنىڭ ئېكسپورتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىئېل دۇنيا ئىقتىساد ئىنىستىتۇتى(IfW)  ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ تەسىرلىرى توغرىسىدا دوكلات تەييارلىدى.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يېڭى ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، سودىدا يۆنۈلۈش ئۆزگەرتىشنىڭ، گېرمانىيەنىڭ ئېكسپورتىنى، بولۇپمۇ ئاپتوموبىلدا 1.3 مىليارد دوللار، ئايروپىلاندا 1.6 مىليارد دوللار ۋە سانائەت ماشىنىلىرىدا 0.7 مىليارد دوللار بولۇپ، جەمئىي 4.5 مىليارد دوللار ئازايتىشى كۈتۈلمەكتە.»

دوكلاتتا، دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى سودا كېلىشىمىنىڭ، يېزا ئىگىلىكىدە بىرازىلىيەگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ۋە «سويا پۇرچىقى» تېرىقچىلىرىنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى 5 مىليارد دوللار تۆۋەنلىتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، رۇسىيە بىلەن گېرمانىيەنىڭ خىتايغا بولغان نېفىت ۋە كۆمۈر ئېكسپورتىغىمۇ سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، كېلەر يىلى (2021) رۇسىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى 2.7 مىليارد دوللار، ئاۋستىرالىيەنىڭ خىتايغا بولغان ئېكسپورتىنى 1.8 مىليارد دوللار ئازايتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر