ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن خىتاي باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خې، ئاقسارايدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇراسىمدا ئامېرىكا – خىتاي بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويدى.

1341641
ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دونالد ترامپ ئاقسارايدىكى تاراتقۇلار ئۇلاپ تارقاتقان مۇراسىمدىكى سۆزىدە، كېلىشىمنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولغانلىقىنى ئېيتتى.

«بۈگۈن خىتاي بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇن تاشلانمىغان ناھايىتى مۇھىم بىر قەدەمنى تاشلاپ، بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنى ئىمزالاۋاتىمىز. بۇ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ھەرقانداق بىر كېلىشىمدىن خېلىلا بۈيۈك بىر كېلىشىم» دېگەن ترامپ، يېقىن كەلگۈسىدە خىتايغا بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ، ئىككىنچى باسقۇچلۇق كېلىشىمگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى باشلىغانلىقلىرىنى، بىراق ئۈچىنچى باسقۇچ دەپ بىر مۇساپىنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خىتاي باش مىنىستىر ياردەمچىسى ليۇ خېمۇ، كېلىشىمنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى بۇ سودا كېلىشىمىنىڭ يېڭى بىر بۇرۇلۇشنىڭ ئىشارىتى ئىكەنلىكىنى ۋە بۇ ھەمكارلىقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

ليۇ خې، خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ترامپقا يازغان بىر پارچە مەكتۇپىنىمۇ ئىشتىراكچىلارنىڭ كۆز ئالدىدا ئوقۇپ ئۆتتى.

ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ 2018 – يىلى مارتتا خىتايدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان بەزى مەھسۇلاتلارغا قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈشى بىلەن باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر