خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن تاماملىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى دائىرىسىدە ئامېرىكىدىن 200 مىليارد دولارلىق مال ئىمپورت قىلىش توغرۇلۇق   ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1341255
خىتاينىڭ ئامېرىكىغا ۋەدە بەرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ South China Morning Post › گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئىككى يىل ئىچىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن 200 مىليارد دولارلىق ئېنېرگىيە، مۇلازىمەت، يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت قاتارلىق ساھەلەردىن مال ئىمپورت قىلىش توغرۇلۇق ۋاشىنگتونغا ۋەدە بەرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ ساھەلەر ئارىسىدا 75 مىليارد دوللار بىلەن سانائەت بىرىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالىدىغان بولۇپ، خىتاي بۇ دائىرىدە ۋاشىنگتوندىن  50 مىليارد دوللارلىق ئېنېرگىيە، 40 مىليارد دوللارلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە 35 مىليارد دوللارلىق خىزمەت سېتىۋالىدىكەن.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىنىڭ مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئىمزالىنىشى كۈتۈلمەكتە ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر