جونسون ۋەزىرلەرنىڭ داۋوس ئىقتىساد مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلىدى

دۇنيانىڭ بەشىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئىگە ئەنگلىيە بۇ يىل داۋوس باشلىقلار يىغىنىغا ئىشتىراك قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1325546
جونسون ۋەزىرلەرنىڭ داۋوس ئىقتىساد مۇنبىرىگە ئىشتىراك قىلىشىنى چەكلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيەنىڭ «Daily Mail» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، باش ۋەزىر بورىس جونسون ئىچكى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ يانۋار ئېيىدا داۋوستا ئۆتكۈزۈلىدىغان دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا قاتنىشىشنى مەنئى قىلغان.

گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بورىس جونسون مىنىستىرلارنىڭ «مىلياردېرلار بىلەن شامپان ئىچىشنىڭ ئورنىغا ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى مەسىلىسى توغرىسىدا خىزمەت قىلىشى لازىملىقى» قارىشىدا چىڭ تۇرغان.

12 – دېكابىردىكى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلگەن سايلاملاردا غەلىبە قىلغان جونسون، بولۇپمۇ ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىدىن كەلگەن ئاۋازلارنى قولدىن چىقىرىپ قويۇشنى خالىمايدۇ؛ ئۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىش مۇساپىسىنىڭ ئالدىنقى پىلاندىكى ئىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە.

ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ سايلامدىن كېيىنكى تۇنجى ئىچكى كابىنېت يىغىنىدا، مىنىستىرلارنى ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىقىشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن خىزمەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغانىدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ شىۋېيتسارىيەنىڭ داۋوس بازىرىدا ئۆتكۈزىدىغان يىغىنلىرىغا كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ساھەدىكى مۇھىم زاتلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر