ترامپنىڭ خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقى، ئاسىيا پايچېك بازىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

يەر شارى خاراكتېرلىك پايچېكى بازارلىرى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ خوڭكوڭغا ئالاقىدار تاشىلغان قەدىمىدىن كېيىن، خىتاي رەھبەرلىرى ۋە ئامېرىكا مەسئۇللىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدىغان باياناتلارغا مەركەزلەشتى.

1314045
ترامپنىڭ خوڭكوڭ قانۇن لايىھەسىنى تەستىقلىغانلىقى، ئاسىيا پايچېك بازىرىغا ئېغىر تەسىر كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكادا بۈگۈن باشلىنىدىغان «تەشەككۈر ئېيتىش بايرىمى» (شۈكران كۈنى) دەم ئېلىشىدىن ئىلگىرى، تۈنۈگۈن (27-نويابىر) ئامېرىكا پايچېكى بازارلىرىدا رېكورت يارىتىلدى.

تۈنۈگۈن ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئىقتىسادىي يىلنىڭ 3چارىكىدە %2.1 دەپ تەخمىن قىلىنغان يۈكسىلىشتىنمۇ ھالقىپ ئۆتكەن بولۇپ، چىدامچان مال زاكاسلىرى ئۆكتەبىر ئېيىدا تەخمىن قىلىنغاندىن ئارتۇق بولغان. 

بۇ ئىلگىرىلەشلەر بىلەن «Dow Jones» كۆرسەتكۈچى %0.15 ۋە «S&P 500» كۆرسەتكۈچى %0.42 ھەمدە «Nasdaq» كۆرسەتكۈچى %0.66 ئېشىپ، بارلىق چاغلاردىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئەڭ يۇقىرى نىسبەتلىك يېپلىىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ تۈنۈگۈن كەچتە ئېلان قىلغان يازما باياناتى، بۈگۈن ئاسىيا پايچېكى بازارلىرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولدى. 

دونالد ترامپ پالاتانىڭ ھەر ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ئالدىغا كەلگەن «خوڭكوڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە قانۇنى لايىھەسى» ناملىق قانۇن تەكلىپىنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ قانۇن تەكلىپى خوڭكوڭدىكى نامايىشلاردا خەلققە زوراۋانلىق قىلغان ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغان خىتاي مەسئۇللارغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

بۇ ئەھۋاللار ئاسىيا پايچېكى بازارلىرىدا تۆۋەنلەشكە سەۋەب بولدى.

«Nikkei 225» كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممىتى %0.1 ۋە شاڭخەي بىرلەشمە پايچېكى كۆرسەتكۈچىنىڭ قىممىتى %0.5 تۆۋەنلەپ كەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر