تۈركىيە – گىرۇزىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يېپىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى

سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان گىرۇزىيە ئىقتىساد ۋە سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرى مىنىستىرى ناتىئا تۇرناۋا بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاددىيلاشتۇرۇلغان تاموژنا لىنىيەسى ھەمكارلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش تەكلىپى سۇنغانلىقى ۋە ئۇنىڭمۇ بۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1309045
تۈركىيە – گىرۇزىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يېپىلىش يىغىنى ئاخىرلاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇخسار پەكجان سودا مىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە گىرۇزىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ يېپىلىش يىغىنى ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمىدىن كېيىن بەرگەن باياناتىدا، دوست ۋە قېرىنداش ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ ئالدىنقى يىلى 1 يېرىم مىليارد دوللارغا يەتكەنلىكىنى ۋە بۇنى 3 مىليارد دوللارغا چىقىرىشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە گىرۇزىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5نۆۋەتلىك يىغىنى دائىرىسىدە، تېخنىكا ھەيئىتىنىڭ بىر يەرگە جەم بولغانلىقىنى ۋە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن رۇخسار پەكجان، بۇ يىغىنغا پاراللېل ھالدا ئورتاق تاموژنا كومىتېتى يىغىنلىرىنىڭمۇ مۇئاۋىن مىنىستىرلار سەۋىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

مىنىستىر رۇخسار پەكجان تېخنىكا ھەيئىتىنىڭ دۆلەتلەر ئارا سودا ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرىگە ھەممە جەھەتتىن ئەتراپلىق قاراپ چىققانلىقىنى، سودىدىن سېلىنمىغا، سانائەتتىن تېخنىكىغا ۋە ساياھەت ئىشلىرىدىن سەھىيەگە قەدەر بارلىق ساھەلەردىكى مەسىلىلەرگە ئەتراپلىق قاراپ چىققانلىقلىرىنى شۇنداقلا تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنى تاماملاپ بولغانلىقلىرىنى تىلغا ئالدى.

رۇخسار پەكچان ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ دائىرىسىنىڭ كېڭەيتىلىشى ۋە مۇلازىمەت ساھەسىنىمۇ ئىچىگە ئېلىشىغا ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئورتاق داۋاملاشتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.  

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر