خوڭكوڭ ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇققا دۇچار بولدى

خوڭكوڭ ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا – خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ سەلىبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

1297924
خوڭكوڭ ئىقتىسادى تۇرغۇنلۇققا دۇچار بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ئىستاتىستېكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، خوڭكوڭدا پەسىل ۋە ۋاقىت خاراكتېرلىق تەسىرلەرنى ھېسابلىمىغاندا، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىم بۇ يىلنىڭ 3چارىكىدە، ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %3.2 تۆۋەنلەپ، 2009 يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. 

بازار تەخمىنلىرى خوڭكوڭ ئىقتىسادىنىڭ %0.6 تارىيىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى.

يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە %0.4 تۆەنلىگەندىن كېيىن، ئىتقىسادتىكى تارىيىش تېزلەشتى. شۇنداق قىلىپ، يىلنىڭ ھەر ئىككىلى چارىكىدە ئارىقىمۇ - ئارقىدىن تۆۋەنلەش نەتىجىسىدە، خوڭكوڭ ئىقتىسادى تېخنىكىلىق تۇرغۇنلۇققا دۇچار بولغان بولدى.

خوڭكوڭ ئىقتىسادى ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدە %2.9 تارايغان ئىدى. 

خىتاينىڭ خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ۋالىيسى كاررىي لام دۈشەنبە كۈنى ئىقتىسادنىڭ تارىيىشىغا قارىتا ئاگاھلاندۇرۇشتا بولۇپ، يىللىق ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ %0 بىلەن %1 ئەتراپىدا بولىدىغانلىقىنى ئىما قىلغان ئىدى.

خوڭكوڭ ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكا خىتاي سودا ئۇرۇشىنىڭ شۇنداقلا كەڭ كۆلەملىك نامايىشلارنىڭ سەلىبىي تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر