ئالبايراق: تۈركىيە ئىش بېجىرىش قولايلىقى ساھەسىدە دۇنيادا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

خەزىنە ۋە مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى بەرات ئالبايراق، تۈركىيەنىڭ، دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىش بېجىرىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە 43 – رەتتىن 33 – رەتكە ئۆرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1293886
ئالبايراق: تۈركىيە ئىش بېجىرىش قولايلىقى ساھەسىدە دۇنيادا زور ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق ئىجتىمائىي تاراتقۇ تورى تىۋىتتېردىكى ئادرېسى ئارقىلىق بايانات بېرىپ، تۈركىيەنىڭ، دۇنيا بانكىسى تەرىپىدىن تەييارلانغان ئىش بېجىرىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە ئۆتكەن يىلى 17 بالداق بىراقلا ئۆرلەپ، 60 – رەتتىن 43 – رەتكە چىققانلىقىنى، دۇنيا بانكىسىنىڭ بۈگۈن ئېلان قىلىنغان 2020 – يىللىق دوكلاتىدا بولسا، 10 بالداق ئۆرلەپ 33 – رەتتىن ئورۇن ئالغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «مىنىستىرلىقىمىز رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بارغان ئىش بېجىرىش قولايلىقى ئىسلاھاتىغا ھەسسە قوشقان بارلىق خىزمەتداشلىرىمنى، مۇناسىۋەتلىك بارلىق مىنىستىرلىقلار بىلەن دۆلەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلىرىمىزنى ۋە تۈركىيە سودا – سانائەتچىلەر بىرلىكىنى تەبرىكلەيمەن. ئىسلاھاتلىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز. ئىشقا باشلاش، باج تۆلەش ۋە تاشقى سودا دېگەندەك ساھەلەردىكى ئۇتۇقلارنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرىمىز. بولۇپمۇ چىقىمنىڭ تېخىمۇ تۆۋەنلىشى، خىزمەت ھاياتىدىكى ئۈنۈمنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ سېلىنما مۇھىتىنى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرىمىز» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر