تۈركىيە سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە 33 – رەتكە تىزىلدى
خەزىنە ۋە مالىيە مىنىستىرى بەرات ئالبايراق تۈركىيەنىڭ سودا بىلەن شۇغۇللىنىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە 33 – رەتكە تىزىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
1294066
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئالبايراق، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە، دۇنيا بانكىسىنىڭ «دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى» غا ئالاقىدار دوكلاتى ھەققىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تۈركىيەنىڭ كەسپ قىلىش قولايلىقى كۆرسەتكۈچىدە دۇنيا بويىچە 33 – رەتكە تىزىلغانلىقىنى ، شۇنىڭ بىلەن، يەنە 10 بالداق يۇقىرى ئۆرلىگەنلىكىنى تەكىتلىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.