تۈركىيە تەلەبيادقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى « ھەربىي ھەرىكىتى» دائىرىسىدە كونتىرول ئاستىغا ئېلىنغان تەلئەبيادتا سۈرىيەلىكلەرگە ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىش خىزمىتىنى تاماملىدى.

1293342
تۈركىيە تەلەبيادقا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بەردى
Turk kizilay tel abyad yardim1.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، تېررورچىلاردىن تازىلانغان تەلئەبياد ۋە رەسۇلەين ناھىيەلىرىدە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى، ئۇزۇندىن بۇيان يېمەك - ئىچمەك ۋە تازىلىق بۇيۇملىرىنى تېپىش جەھەتتىن ناھايىتى زور قىيىنچىلىقققا دۇچ كېلىۋاتقان سۈرىيەلىكلەرنى تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ چەكسىز شاد – خۇراملىققا چۆمدۈرگەنلىكى، رايوندا 17 مىڭ كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلگەنلىكى تەكىتلىنىپ مۇنداق دېيىلدى: «تېررورىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارغا ھەر كۈنى دېگۈدەك يېمەك – ئىچمەك، تازىلىق بۇيۇملىرى ۋە باشقا ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى تارقىتىپ بېرىۋاتقان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى، تەل ئەبيادتا ئۈچىنچى باسقۇچلۇق ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بېرىش خىزمىتىنى تاماملىدى. جۈملىدىن يۈزلەرچە ئىنسان تۇنجى قېتىم ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىغا ئېرىشتى. جەمئىيىتىمىز <تىنچلىق بۇلىقى> ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلاردىن تازىلانغان رايونلاردا ھازىرغىچە 17 مىڭ كىشىگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بەردى، جەمئىيىتىمىز ئالدىمىزدىكى كۈنلەردىمۇ مۇھتاجلارغا يېمەك - ئىچمەك ۋە باشقا ئېھتىياجلىق بۇيۇملارنى تارقىتىپ بېرىشتىن سىرت يەنە، سەھىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ساھەلەردىمۇ تۈرلۈك لايىھەلەرنى تۈزۈپ، تېررورىزم قۇربانلىرىغا داۋاملىق ياردەم بېرىدۇ.»

يەنە بىر تەرەپتىن، تۈركىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئاممىۋى تاراتقۇلاردىكى سەھىپىلىرىدە، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە مۇناسىۋەتلىك فوتو سۈرەتلەرنى ھەمبەھىرلەشكەن ھالدا بايانات ئېلان  قىلىپ، مۇنۇنۇلارنى بىلدۈردى: «قەھرىمەن ئەسكەرلىرىمىز تەل ئەبيادتا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىش پائالىيەتلىرىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرماقتا.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر