بۇ يىل خىتايدىن تۈركىيەگە 600 مىڭ ساياھەتچى كەلدى
خىتاي ۋە ياپونىيە قاتارلىق يىراق شەرق دۆلەتلىرىدىن تۈركىيەگە كېلىۋاتقان ساياھەتچىلەرنىڭ سانىدا كۆرۈنەرلىك دەرىجە ئېشىش بولماقتا.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە بازار ۋە ساياھەت تۈرىنى كۆپەيتىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، يىراق شەرق بازارلىرىغىمۇ ئۈنۈملۈك قەدەملەرنى تاشلىدى.
خىتاي، ياپونىيە، ھىندىستان ۋە جەنۇبىي كورېيەنى نىشان قىلغان تۈركىيە، 2018 – يىلى خىتايدا ۋە 2019 – يىلى ياپونىيەدە «تۈركىيە يىلى» ئېلان قىلغان ئىدى.
بۇ دائىرىدە ئوتكۈزۈلگەن كونسېرتلار ۋە تۈركىيە كۈلتۈرىنى نامايەن قىلىپ بېرىلىدىغان كۆرگەزمىلەر ئارقىلىق بىر تەرەپتىن تۈركىيەنى تۇنۇشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن قاتناشنى قولايلاشتۇرۇش ئۈچۈن مەزكر دۆلەتلەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
كۈلتۈر ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مۆلچەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، 2018 – يىلى خىتايدىن 450 مىڭ ساياھەتچى كەلگەن بولۇپ، بۇ يىل (2019 يىلىدا) بۇ سان 600 مىڭغا يەتكەن. ياپونىيە ساياھەتچىلىرىنىڭ سانىمۇ ئالدىنقى يىلدىكى 86 مىڭدىن بۇ يىل، (2019 يىلىدا) 110 مىڭغا ئۆرلىگەن.
تۈركىيە 2023 – يىلى خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 2 مىليونغا، ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەرنىڭ سانىنى 750 مىڭغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەپتىلىك ئايروپلاىن ئۇچۇش قېتىم سانىنى 20 گە چىقىرىشنى پىلانلىماقتا.
يىراق شەرقلىق ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن يىراق شەرق تاماق تۈرلىرىگە ئورۇن ئاجرىتىلغان رېستوران ۋە مېھمانخانىلارنىڭ كۆپەيتىلىشى، خىتاي ساياھەتچىلەرنىڭ پۇل تۆلەش سىستېمىسىنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە تۈركىيەدە ئىشقا كىرىشتۈرىلىشى ۋە ساياھەت مەركەزلىرىگە يىراق شەرق تىللىرىغا ماس يول كۆرسەتكۈچ لەۋھەلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشى قاتارلىق خىزمەت پىلانلىرىنى يولغا قويماقتا.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.