تۈركىيە دۇنيا دۆلەتلىرىگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتماقتا

تۈركىيە، 2019 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا 153 دۆلەتكە جەمئىي 1 مىليارد 330 مىليون 855 مىڭ دوللارلىق قورۇلۇش ماتېرىيالى ئېكسپورت قىلدى.

1268390
تۈركىيە دۇنيا دۆلەتلىرىگە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ساتماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، تۈركىيە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئېكسپورتىدىن بۇ يىلنىڭ يانۋار – ئىيۇن ئايلىرى مەزگىلىدە بۇلتۇرقىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا سېلىشتۇرغاندا 42 مىليون دوللار كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن.

ئىمپورت 2019 – يىلىنىڭ ئالدىنقى ئالتە ئېيىدا بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %13 تۆۋەنلەپ، ئېكسپورت %3 ئاشقان. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا 1 مىليارد 330 مىليون 855 مىڭ دوللارلىق ماتېرىيال ئېكسپورت قىلىنغان بولۇپ، بۇ سان ئۆتكەن يىلى 1 مىليارد 287 مىليون 989 مىڭ دوللار بولغانىدى.

تۈركىيە بۇ مەزگىلدە 153 دۆلەتكە قۇرۇلۇش ماتېرىيالى ئېكسپورت قىلدى؛ ئەڭ كۆپ مەھسۇلات ئېكسپورت قىلىنغان دۆلەت 364 مىليون 462 مىڭ دوللار بىلەن خىتاي بولدى. بۇ سان بۇ ساھەدىكى ئومۇمىي ئېكسپورتنىڭ %27 ىنى تەشكىل قىلدى.

ئېكسپورتتا خىتايدىن قالسا تەرتىپى بويىچە 126 مىليون 504 مىڭ دوللار بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، 65 مىليون 181 مىڭ دوللار بىلەن ئىتالىيە، 62 مىليون 774 مىڭ دوللار بىلەن ھىندىستان ۋە 59 مىليون 760 مىڭ دوللار بىلەن ئىسپانىيە ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر