تۈركىيەگە بىۋاستە سېلىنغان چەت ئەل مەبلەغلىرى ئاشتى

تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاستە چەت ئەل مەبلەغلىرى ئۆتكەن يىلى (2018) نىڭ ئىيۇن ئېيىدىن بۇ يىل (2019) نىڭ ئىيۇن ئېيىغىچە %6.3 ئاشتى ۋە تەخمىنەن 12.4 مىليارد دوللارغا يەتتى.

1255602
تۈركىيەگە بىۋاستە سېلىنغان چەت ئەل مەبلەغلىرى ئاشتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەگە بىۋاستە سېلىنغان چەت ئەل مەبلەغلىرى يېقىنقى بىر يىلدا ئېشىش كۆرۈلدى. بىۋاستە مەبلەغلەر ئۆتكەن يىلىنىڭ ئىيۇن ئېيىدىن بۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىغىچە %6.3 ئېشىپ، تەخمىنەن 11 مىليارد 646 مىليون دوللاردىن 12 مىليارد 385 مىليون دوللارغا يەتتى.

2019-يىلى يانۋاردىن ئىيۇن ئېيىغىچە بولغان مەزگىلدە تۈركىيەگە سېلىنغان بىۋاستە چەت ئەل مەبلەغلىرىدە، قاتار ۋە ئەنگلىيە بىرىنچى رەتتىن ئورۇن ئالدى.

ئىگىلىنىشىچە، سېلىنغان مەبلەغلەر بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا تەخمىنەن 188 مىليون دوللار ئېشىپ، 3.1 مىليارد دوللارغا يەتكەن. بۇ مەبلەغلەرنىڭ %19.4 ى قاتاردىن، %18.7 ى ئەنگلىيەدىن ۋە %17.5 ى ئەزەربەيجاندىن كەلگەن. ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يىل ئالدىنقى ئۈچ رەتتىن ئورۇن ئالغان دۆلەتلەرنىڭ جەمئىي مەبلەغلەر ئىچىدىكى نىسبىتى %34.3 تىن %55.6 كە ئۆرلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر