غەربىي ئافرىقىدىكى CFA فرانگى ئىشلىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

پىل چىشى قىرغىقى پىرېزىدېنتى ئالاسسان، غەربىي ئافرىقىدىكى CFA (ئافرىقا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى) فرانگى ئىشلىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ، ئورتاق پۇل بىرلىكى «eco» غا ئۆتۈشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1233525
غەربىي ئافرىقىدىكى CFA فرانگى ئىشلىتىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ پۇل بىرلىكىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى
Alassane Ouattara.jpg

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىل چىشى قىرغىقى پىرېزىدېنتى ئالاسسان، فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ «eco» ناملىق بىر پۇل بىرلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ، غەربىي ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بارلىق لىدىرلىرى، <eco> دەپ ئاتىلىدىغان بىر پۇل بىرلىكى شەكىللەندۈرۈشنى قارار قىلدى. ئۇزۇن كېلەچەكتە CFA فرانگىنىڭ ئورنىنى <eco> ئىگلەيدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ خەلقلىرىنىڭ ئىستىكى ئىكەنلىكىنى ۋە پات پۇرسەتتە ئىشقا ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئالاسسان، يېڭى پۇل بىرلىكىگە ئۆتۈشنىڭ ھەربىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە باغلىق بولىدىغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ياۋرو بىلەن قىممىتى تۇراقلاشتۇرۇلغان CFA فرانگى كامېرون، بېنىن، گابون، كونگو جۇمھۇرىيىتى، چاد، توگو ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان كونا فىرانسىيە مۇستەملىكىسى 14 ئافرىقا دۆلىتىدە ئىشلىتىلمەكتە.

فىرانسىيە، 1945 – يىلى 26 – دېكابىردا CFA فرانگىنى مۇستەملىكە تۈزۈمىنى داۋاملاشتۇرۇش مەقسىتىدە پۇل بىرلىكى قىلىپ بېكىتكەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر