تۈركىيە ئامېرىكا ماللىرىدىن ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتتى

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتتى.

1205811
تۈركىيە ئامېرىكا ماللىرىدىن  ئېلىنىدىغان باج مىقدارىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان ماللاردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلەتتى.

ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 22 خىل مەھسۇلاتتىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى يېرىم ھەسسە تۆۋەنلىتىش قارارى، رەسمىي ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئۆتكەن ھەپتە تۈركىيەدىن ئىمپورت قىلىنىدىغان پولات-تۆمۈردىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى %25كە تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلىشىدىن كېيىن، تۈركىيە سودا مىنىستىرلىقىمۇ ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى تۆۋەنلىتىشنى قارار قىلدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2018-يىلى 23-مارتتىن باشلاپ سىرتتىن كېلىدىغان بەزى پولات-تۆمۈر ۋە ئالىيۇمىن  مەھسۇلاتلىرىدىن %25 ۋە %10 ئەتراپىدا تاموژنا بېجى ئېلىشقا باشلىغانىدى.

بۇنىڭغا قارىتا تۈركىيەمۇ 2018-يىلى 11-ئىيۇندا قارار چىقىرىپ، بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى ئاشۇردى.  

ئامېرىكانىڭ 2018-يىلى ئاۋغۇستتا تۈركىيەدىن كېلىدىغان پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى %50كە ئۆستۈرۈشىدىن كېيىن، تۈركىيەمۇ بەزى ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى مىقدارىنى ئوخشاش نىسبەتتە ئۆستۈرگەنىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر