تۈركىيە - ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقلىرى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىغان بولدى

تۈركىيە سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان تۈركىيە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 75 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىلەن ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1187052
تۈركىيە - ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقلىرى ئورتاق خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە سودا مىنىستىرى رۇخسار پەكجان ئامېرىكىدىكى ئۇچرىشىشلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئامېرىكا سودا مىنىستىرى ۋىلبۇر روس ۋە پىرېزىدېنت ترامپنىڭ پىشقەدەم مەسلىھەتچىسى كۇشنېر بىلەن ئۆتكۈزگەن ئۇچرىشىشىنىڭ ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى، تۈركىيە ئامېرىكا سودا سانائەت كېڭىشى ۋە ئامېرىكا تۈركىيە كېڭىشى تەرىپىدىن ئۆتكۈزۈلگەن 37نۆۋەتلىك ئورتاق يىللىق كونفېرانستىمۇ تۈركىيە ئامېرىكا سودا سانائەتچىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداش، دوست دۆلەتلەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن رۇخسار پەكجان ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، يوشۇرۇن چوڭ كۈچكە ئىگە سودا شېرىكى ئىكەنلىكىنىمۇ تىلغا ئالدى.

رۇخسار پەكجان ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسىنىڭ 20 مىليارد 700 مىليون دوللار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئوتتۇرىسىدىكى مۇزاكىرىلەردە قارارلاشتۇرۇلغان سودا ئومۇمىي سوممىسىنى 75 مىليارد دوللارغا چىقىرىش نىشانىنىڭ ئىشقا ئاشۇرۇلىشى ئۈچۈن خىزمەتلىرىمىزنىڭ سۈرئىتىنى تېزلاشتۇرىمىز. ئامېرىكا سودا مىنىستىرى روس بىلەن سودا ئوبىيېكتى مەھسۇلاتلارنىڭ تۈرىنى كۆپەيتىش، مەۋجۇت سودا شارائىتىنى ياخشى ئىشلىتىش جەھەتتە ئورتاق خىزمەت قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدۇق.  ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئوممۇمىي سوممىسىنى 75 مىليارد دوللارغا چىقىش نىشانىمىز ئۈچۈن ئامېرىكا سودا مىنىستىرلىقى بىلەن بىزنىڭ مىنىستىرلىقىمىز ئوتتۇرىسىدا ئورتاق تېخنىكا خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇشقا كېلىشتۇق» دېدى.  

ئامېرىكا بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا ئاۋىئاتسىيە، مۇداپىئە سانائىتى، ئاپتوموبىل، پولات، زىبۇ زىننەت، كېيىم كېچەك، گېلەم، ماشىنىسازلىق ۋە ئۈسكىنىلىرى، زەيتىن يېغى، خىش، مەرمەر، سېمۇنت قاتارلىق مەھسۇلات ساھەلىرىدە زور سودا ئىمكانىيىتى شەكىللەندۈرۈلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن رۇخسار پەكجان، «ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا نىسبىتىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن ئورتاق ئىمكانىيەت دوكلاتى تەييارلاش ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىكسپورت سودىمىزنى يۇقۇرى كۆتىرىدىغان پائالىيەتلەر ئۈستىدە خىزمەت ئىشلىمەكتىمىز» دېدى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر