ئەنگلىيە ھىندىستانلىق چوڭ كارخانىچىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى

ئەنگلىيە ھىندىستاندا ئۆتكۈزگەن ئىقتىسادىي جىنايەتلەر تۈپەيلىدىن قايتۇرۇپ بېرىلىشى تەلەپ قىلىنغان كارخانىچى ۋىجەي ماليانى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى.

1138964
ئەنگلىيە ھىندىستانلىق چوڭ كارخانىچىنى قايتۇرۇپ بېرىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە ئىچكى ئىشلار مىىستىرى ساجىد جاۋىد، ھىندىستاندا ئىقتىسادىي بايانلاردا يالغانچىلىق قىلىش، كەسپىي ئالدامچىلىق قىلىش ۋە قارا پۇل ئاقلاش قاتارلىق جىنايەتلەر سەۋەبىدىن يوق يېرىدە سوت قىلىنغان ۋىجەي ماليانى ھىندىستانغا قايتۇرۇپ بېرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارارنامىنى تەستىقلىدى.

ھىندىستانلىق كارخانىچىنىڭ قارارنامىغا ئېتىراز بىلدۈرۈشى ئۈچۈن 14 كۈنلۈك مۇھلەت بېرىلدى.

ۋىجەي ماليا 2017يىلى 18ئاپرىلدا لوندون ساقچىلىرى تەرىپىدىن ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن نازارەتكە ئېلىنغان بولۇپ، ھىندىستان سوت مەھكىمىسى كاپالەت بىلەن قويۇپ بېرىلگەن كارخانىچىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ۋىجەي ماليانى قايتۇرۇپ بېرىشكە ئالاقىدار دېلو پايتەخت لوندوندا ۋېستمىنستېر مۇرەسسەلەشتۈرۈش ھەق - ھوقۇق سوت مەھكىمىسىدە داۋاملاشماقتا ئىدى.

ھىندىستان سودا سانائەت ساھەسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانىچىلىرىدىن بىرسى ھېسابلىنىدىغان ۋىجەي ماليا، ئىسپىرتلىق ئىچىملىك، بىناكارلىق، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، يەر مۈلۈك سودىسى ۋە يىزا ئىگىلىكى قاتارىلىق ساھەلەردە پائاليەت قىلىدىغان ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىدىن بىرسىنىڭ تەخت ۋارىسى ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر