خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مىسىرغا بېرىدىغان بەشىنچى باسقۇچلۇق قەرزنى ماقۇللىدى

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى، يېڭى ئىقتىساد پىلانىنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە مىسىرغا بېرىشنى ۋەدە قىلغان 12 مىليارد دوللارلىق قەرزنىڭ بەشىنچى باسقۇچلۇق قىسمىنى بېرىشنى ماقۇللىدى.

1139008
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى مىسىرغا بېرىدىغان بەشىنچى باسقۇچلۇق قەرزنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىسىر مالىيە ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد مۇئىيت يازما بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىرنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە 2 مىلياردلىق بەشىنچى باسقۇچلۇق قەرزنى تاپشۇرۇپ ئالىدىغانلىقى ۋە شۇنىڭ بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىدىن ئالغان مەبلەغنىڭ 10 مىليارد دوللارغا يېتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ، بەشىنچى باسقۇچلۇق قەرزنى بېرىشنىڭ قارار قىلىنىشىنىڭ، مىسىرنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىنى ئىجرا قىلىش جەھەتتىكى ئەستايىدىللىقىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى ۋە خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭمۇ بۇنى جەزملەشتۈرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى تۆتىنچى باسقۇچلۇق قەرەللىك كۆزدىن كەچۈرۈش خىزمەتلىرى دېكابىر ئېيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەندىن كېيىنلا، مەزكۇر قەرزنى بېرىشى كېرەك ئىدى، بىراق ئۇنداق بولمىدى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ كېچىكىشكىمۇ ھېچقانداق ئىزاھات بەرمىدى.

مىسىر ھۆكۈمىتى، پۇل بىرلىكى جۇنەيھنى ئەركىن قويۇۋېتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىقتىسادىي ئىسلاھات پىلانلىرى بەدىلىگە 12 مىليارد قەرز بېرىلىشى توغرىسىدا 2016 – يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر