قاتار لىۋانغا ياردەم قىلىدۇ
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئەل سانى لىۋانغا ياردەم قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراھمان ئەل سانى، قاتارنىڭ لىۋاننىڭ ئىقتىسادىنى قوللاش مەقسىتىدە لىۋاننىڭ دۆلەت زايوملىرىغا مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
قاتار خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مىنىستىر ئەل سانى، لىۋان دۆلەت زايوملىرىغا 50 مىليون دوللار مەبلەغ سېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
لىۋان ئىقتىسادىنى كۈچەيتىىش مەقسىتىدە بۇ ئىشقا بەل باغلىغانلىقىنى ئېيتقان ئەل سانى: قاتار لىۋانلىقلار قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەندە ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، دېدى.
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەل سانى، ئوتتۇر شەرق رايونىنىڭ كۈچلۈك ۋە باياشات بىر لىۋانغا ئېھتىياجى بارلىقىنىمۇ ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.
تۈركىيەنىڭ فىندىق ئېكسپورتى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 8 ئايلىق فىندىق (ئورمان ياڭىقى) ئېكىسپورتى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى.