ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى چېكىنىشكە يۈزلەندى

ئىراننىڭ تاشقى كىرىملىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغان نېفىت ئېكسپورتى ئازىيىشقا يۈزلەندى.

1126960
ئىراننىڭ نېفىت ئېكسپورتى چېكىنىشكە يۈزلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىر تەرەپلىمە ھالدا ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ئىراننىڭ دېڭىز توشۇمىچىلىقى، مالىيە ۋە ئېنېرگىيە ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىككىنچى باسقۇچلۇق ئېمبارگوسى، 2018 – يىلى نويابىردا  ئىجرا قىلىنىشقا باشلاندى. شۇنىڭدىن كېيىن ئىران مەملىكەتلىك نېفىت شىركىتى، ئىران نېفىت سودىسى شىركىتى ۋە مىللىي تانكەر شىركىتى خەلقئارا مىقياسىدا چەكلىمىگە ئۇچرىدى؛ ئىقتىسادى ئاساسەن نېفىتقا تايىنىدىغان ئىراننىڭ نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورتىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلدى.

ئېمبارگودىن ئىلگىرى كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 2 مىليون 400 مىليون ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئىراننىڭ، ئېمبارگودىن كېيىنكى نېفىت سېتىش مىقدارى 1 مىليون ۋارىلدىنمۇ ئازلاپ كەتتى.

ئىراننىڭ خام نېفىت ئېكسپورتى 2018 – يىلىنىڭ دەسلەپكى ئايلىرىدا كۈنلۈك ئوتتۇرىچە 2 مىليون 400 مىليون ۋارىل نېفىت ئېكسپورت قىلغان بولسا، يىل ئاخىرىغا كەلگەندە بۇ مىقدار  تەڭمۇ تەڭ تۆۋەنلىدى.

ئىران دۆلەت كىرىملىرىنىڭ %70 گە يېقىنىنى نېفىت ئېكسپورت ئارقىلىق تەمىن قىلىدۇ.

ئىراندا نېفىت كىرىمى 2017 – يىلى 50 – 55 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2018 – يىلى 30 – 35 مىليارد دوللارغا چۈشتى. نېفىت كىرىملىرىنىڭ 2019 – يىلى 20 مىليارد دوللارغا چۈشۈپ قېلىش ئېھتىمالى بارلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر