فىرانسىيە ئىراققا قەرز بېرىدىغان بولدى

ئىراق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ھالبۇسى فىرانسىيەنىڭ ئىراققا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان رايونلارنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 430 مىليون ياۋرو قەرز ئاجراتقانلىقىنى ئېيتتى.

1125988
فىرانسىيە ئىراققا قەرز بېرىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراق پارلامېنت باشلىقى مۇھەممەد ھالبۇسىنىڭ ئىشخانىسىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتقا ئاساسلانغاندا، مۇھەممەد ھالبۇسى باغدادنى زىيارەت قىلىۋاتقان فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لۆ درىيان بىلەن پارلامېنتتا كۆرۈشكەن. بولۇپ، ئۇ مۇساپىرلار مەسىلىسىدە فىرانسىيەنىڭ ئىراقنى قوللىغانلىقىنى ۋە ئىراقتا تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشتىن قۇتقۇزۇلغان رايونلارنىڭ قايتىدىن قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 430 مىليون ياۋرو قەرز ئاجراتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئۇ مۇسۇل ئۇنىۋېرستېتىنى قايتىدىن ئېچىش ۋە رېمونت ئىشلىرىغىمۇ فىرانسىيەنىڭ ياردەم قىلغانلىقىنى، ئىراقنىڭ فىرانسىيەنىڭ شەھەر تۈزەش تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشنى خالايدىغانلىقىنى، مەبلەغ سېلىشنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلغان.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئىراققا، بولۇپمۇ خەۋپسىزلىك ۋە قايتىدىن قۇرۇلۇش قاتارلىق مۇھىم ساھەلەردە ياردەم قىلىشنى خالايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ باغدادتىكى رەسمىي زىيارىتى دائىرىسىدە، دەسلەپتە ئىراق باش مىنىستىرى ئادىل ئابدۇلمەھدى بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر