ئىۋانكا دۇنيا بانكىسىغا باشلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

دۇنيا بانكىسى باشلىقلىقىغا مۇۋاپىق دەپ قارالغانلار ئارىسىدا ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپنىڭمۇ بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

1124576
ئىۋانكا دۇنيا بانكىسىغا باشلىق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «مالىيە ۋاقتى گېزىتى»، دۇنيا بانكىسى باشلىقى جىم يوڭكىمنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىسېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن، بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگۈسى نامزاتلار ئارىسىدا ترامپنىڭ قىزى ئىۋانكا ترامپ ۋە ئامېرىكىنىڭ سابىق ب د ت تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى نىككى ھېلېينىڭمۇ بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا خەلقئارا تەرەققىيات ئاگېنتلىقى باشلىقى مارك گرېن ۋە ئامېرىكا خەزىنىسى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەتچىسى داۋىد مالپاسمۇ نامزاتلار قاتارىدا بار ئىكەن.

دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقىنى قۇرۇلغان كۈنىدىن بۇيان بانكىنىڭ ئەڭ چوڭ پاي ئىگىسى بولغان ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سايلاپ كەلمەكتە.

ۋەزىپىسىدىن 1 – فېۋرالدا ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان جىم يوڭكىم 2012 – يىلىنىڭ ئىيۇل ئېيىدا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان بولۇپ، 2017 – يىلى ئىككىنچى قېتىم باشلىقلىققا سايلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر