قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكىسپورتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

قازاقىستان ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى قانات بوزۇمبايېۋ، 11 ئايدا 66 مىليون توننا نېفىت ئېكسپورت قىلغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1104528
قازاقىستاننىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى ۋە ئېكىسپورتى ئۈزلۈكسىز ئاشماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قانات بوزۇمبايېۋ قازاقىستان ئىچكى كابىنىتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، يانۋار – نويابىر ئايلىرىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، «نېفىت ئىشلەپچىقىرىشى بولسا، بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %4.9 ئېشىپ 82 مىليون 400 مىڭ توننىغا يەتتى» دېدى ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، «نېفىت ئېكسپورتى 66 مىليون توننىغا يەتتى ۋە بۇ سان بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %3.8 ئارتۇق» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مىنىستىر قانات بوزۇمبايېۋ، قازاقىستاندا چەككىلەنگەن نېفىت مىقدارىنىڭ 15 مىليون توننا ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %8.6 ئارتۇق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

يانۋار – نويابىر ئايلىرى ئارىسىدا قازاقىستاندا 50 مىليارد 500 مىڭ كۇبمېتىر تەبىئىي گاز (بۇ يىللىق ئىشلەپچىقىرىش پىلانى 53 مىليارد 400 مىليون كۇبمېتىر) ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى، بۇنىڭ بۇلتۇرقىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا، %4.8 ئارتۇق ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان بوزۇمبايېۋ، «تەبىئىي گاز ئېكسپورتى بولسا، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە قارىغاندا، %14 ئېشىپ 17 مىليارد 900 مىليون كۇبمېتىرغا يەتتى» دېدى.

ئۇ يەنە، قازاقىستاندا 19 مىڭ 600 توننا ئوران ئىشلەپچىقىرىلغانلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

قازاقىستان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ئىتالىيە، گوللاندىيە، فىرانسىيە، شىۋېيتسارىيە ۋە باشقا ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەردىن سىرت ئۆزبېكىستان، بېلارۇسىيە، قىرغىزىستان، رۇسىيە ۋە باشقا مۇستەقىل دۆلەتلەر گەۋدىسىگە ئەزا دۆلەتلەرمۇ بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر