ھالال يېمەكلىكلەر يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر يەرمەنكىسى 29-نويابىردىن 2-دېكابىرغىچە ئىستانبۇل يەنىكاپىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلىدۇ.

1090899
ھالال يېمەكلىكلەر يەرمەنكىسى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر يىغىنى دائىرىسىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارالىق ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر يەرمەنكىسى 29-نويابىردىن 2-دېكابىرغىچە ئىستانبۇل يەنىكاپىدىكى ياۋرو-ئاسىيا كۆرگەزمە ۋە سەنئەت مەركىزىدە ئېچىلىدۇ.

مۇزىكانت يۇسۇف ئىسلام بۇ يىل (2018) 80 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن مېھمانلار ئىشتىراك قىلىدىغان يەرمەنكە ۋە رەھبەرلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىدا سۆز قىلىدۇ.

دۇنيا ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر ئىقتىسادىي ھەجىمى 2017-يىلدىن باشلاپ 4 تىرىلىيون دوللاردىن ئاشتى. دۇنياۋى ھالال بازىرى 2 مىليارد مۇسۇلمانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە دۇنيادا كۈچلۈك ئورۇنغا ئىگە بولغان يېڭى تەرەققىيات ھېسابلىنىدۇ. ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر، پاكىزە، سۈپەتلىك، ئىشەنچلىك ۋە خەتىرى بولماسلىقتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن، مۇسۇلمانلار ۋە غەيرى مۇسۇلمانلارنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق.

تۈركىيە ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر مەسىلىسىدە، ئۆزگىچە بولۇشنى ۋە قانۇن تەتقىقاتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ ساھەلەردە دۇنياغا باشلامچىلىق قىلىشنى مەقسەت قىلماقتا.

2021-يىلى ھالال مەھسۇلاتلار ۋە خىزمەتلەر ئىقتىسادىنىڭ جەمئىي 7 تىرىلىيون دوللارغا يېتىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

دۇنيا ئىسلامىي يېمەكلىكلەر جەمئىيىتى بارلىق ئاشپەزلەر ۋە تورتچىلار فېدېراتسىيەسى بىرلەشمىسىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن تالانت بايقاش «Discover Events» گۇرۇپپىسى ساھىبخانلىق قىلىدىغان رەھبەرلەر يىغىنىدا، «دۇنيا ھالال يېمەكلىكلەر خەلقئارالىق ئاشپەزلەر لوڭقىسى» مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ. مۇسابىقىگە، 10 دۆلەتتىن كەلگەن ئاشپەزلەر ئىشتىراك قىلدىغان بولۇپ، مۇسابىقىگە ھالال كېنىشكىسى بولغان يېمەك-ئىچمەكلەر قاتناشتۇرۇلىدۇ. مۇسابىقىدە، ئىسلامىي قائىدەلەرگە ئۇيغۇن ياكى ئەمەسلىكى شۇنىڭدەك، ئىسىراپچىلىق تەرىپىنىڭ بار-يوقلۇقى نومۇر قويۇشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى بولىدۇ. تۈركىيەدىن قاتنىشىدىغان ئاشپەزلەر باھالىغۇچىلارغا ھۈنەرلىرىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە، تۈرك-ئوسمانلى يېمەك-ئىچمەكلىرىنىڭ مەنىۋى بايلىقلىرىنى يۇقىرى ئاڭ ۋە قائىدىلىرى بويىچە باھالىغۇچىلارغا سۇنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر