16 دۆلەت ئامېرىكىغا قارشى بىرلىشىدىغان بولدى

ئاسىيا – تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان 16 دۆلەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا فىرونتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

1042840
16 دۆلەت ئامېرىكىغا قارشى بىرلىشىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا بىلەن چوڭ سودا شېرىكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى يېرىكچىلىكلەر، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ سودا فىرونتىنى شەكىللەندۈرىدىغان پەۋقۇلئاددە چوڭ بىر كېلىشىمنىڭ تۈزۈلىشىگە يېشىل چىراق ياقتى.

ئاسىيا تىنچ ئوكيان فىرونتىدا «ئامېرىكىسىز سودا كېلىشمى» ھەرىكىتى ئاخىرىقى باسقۇچىغا كېلىپ قالدى.

پىرېزىدېنت دونالد ترامپ ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ ماللىرىغا قارىتا 200 مىليارد دوللارلىق يېڭى قوشۇمچە تامۇژنا بېجى يولغا قويۇشنى ئويلىشىۋاتقان پەيتتە، ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىغا جايلاشقان 16 دۆلەت دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ سودا فىرونتى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.

بۇ كاتتا سودا كېلىشىمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ئازغىنا كۈن قالغان دۆلەتلەر، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرى بىرلىكىگە ئەزا 10 دۆلەتتىن باشقا يەنە، ياپونىيە، خىتاي، جونۇبىي كورېيە، ھىندىستان، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىقلاردىن تەشكىل تاپىدۇ.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا خەلقلىرى بىرلىكىگە ئەزا مەزكۇر 10 دۆلەت بولسا، بىرۇناي، ھېندۇنېزىيە، فىلىپپىن، كامبودژا، لائۇس، مالايشىيا، بىرما، سىنگاپور، تايلاند ۋە ۋېيېتنامدىن تەشكىل تاپىدۇ. 

رايون خاراكېترلىك شۇنداقلا ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شېرىكلىك كېلىشىمى تاماملانغان تەقدىردە، بۇ سودا فىرونتى دۇنيا سودىسىنىڭ تەخمىنەن ئۈچتەن بېرىنى كونتىروللۇقىغا ئالغان بولىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىختىلاپلارنى يوقۇتۇشقا ۋە ئىلگىرى داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان تالاش تارتىشلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەركەزلىشىدۇ. 

بۇ كېلىشىم خىتايدىن سودا ھېسابىنى ئېلىشقا مەركەزلەشكەن ۋە 2017يىلىدا، «تىرانس تىنچ ئوكيان شېرىكلىكى (TPP)» دەپ ئاتىلىدىغان يەنە بىر خەلقئارالىق سودا كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىپ چىققان ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ئاق ساراي دائىرىلىرىمۇ ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نويابىردا سىنگاپوردا رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغان بىر ئالىي يىغىنغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر تەرەپتىن دونالد ترامپ كانادانى قايتىدىن مۇزاكىرە قىلىنغان «Nafta» كېلىشىمىگە كىرگۈزۈشنىڭ كېرىكى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈردى.

دونالد ترامپ تىۋىتتېر ھېسابىدىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «ئونلىغان يىلغىچە داۋاملىشىۋاتقان سۇيىئىستېماللاردىن كېيىن، ئامېرىكىغا قارىتا ئادىل بىر كېلىشىمنى ھاسىل قىلالمايدىغان بولساق، كانادا كېلىشىمنىڭ سىرتىدا قالىدۇ» دېدى.

ترامپ باياناتىدا يەنە، «ئامېرىكا پالاتاسىدىكى مۇزكىرىلەرگە مۇداخىلە قىلىنماسلىقى لازىم. ئەكسىچە بولغاندا شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى (Nafta)نى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرىمەن» دېگەن سۆزلەرنىمۇ ئىشلەتتى.
 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر