ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىنگە بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتتى
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پەلەستىنگە قارشى تاشلاۋاتقان قەدەملىرىگە يەنە بىرىنى ئىلاۋە قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پەلەستىنگە قىلىۋاتقان ياردەملەرنى ئالدى بىلەن ئۈزۈپ قويغان پىرېزىدېنت دونالد ترامپ، ئەمدىلىكتە پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئارقىلىق بېرىلىۋاتقان ياردەمنى تامامەن توختاتتى.
ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھېسېر ناۋېرت بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا بېرىۋاتقان ياردەمنى توختاتقانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇنداق قارار چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە توختالغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتىنىڭ ئورنىنى تولدۇرۇۋالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خاتالىق سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئىگىلىنىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىنلىك مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىش كومىتېتى تەخمىنەن 5 مىليون پەلەستىنلىككە ياردەم بېرىپ كەلمەكتە ئىكەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكىسپورتى ئاشتى
تۈركىيە 4-ئايدا 211 مىليون 494 مىڭ دوللارلىق مېۋە – چېۋە ۋە كۆكتات ئېكسپورت قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئېكسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا ئاشتى
تۈركىيەنىڭ 54 شەھىرىنىڭ ئېكىسپورتى يانۋار-ئاپرېل ئايلىرىدا كۆرۈنەرلىك ئاشتى.