گېرمانىيە ئامېرىكىدىن مۇستەقىل پۇل ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش لازىملىقىنى بىلدۈردى

گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مۇستەقىل پۇل ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش لازىملىقىنى بىلدۈردى.

1036121
گېرمانىيە ئامېرىكىدىن مۇستەقىل پۇل ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىش لازىملىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماس، ياۋروپانىڭ ئىران بىلەن ھاسىل قىلىنغان يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھالدا پۇل ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يادرو كېلىشىمىدىن چېكىنىپ چىقىشى سەۋەبىدىن، ئىران بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئارىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلەرمۇ خەتەر ئاستىغا كىرىپ قالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرى يادرو كېلىشىمىنى ساقلاپ قېلىش ئۈستىدە چارە ئىزدىمەكتە.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېيكو ماس: ياۋروپا كېلىشىمنى ساقلاپ قالغۇسى بولسا، ئامېرىكىدىن مۇستەقىل ھالدا پۇل ئوبوروت سىستېمىسى قۇرۇپ چىقىشقا مەجبۇر، دېدى.

مىنىستىر ياۋروپا پۇل فوندى تەشكىلاتى بىلەن مۇستەقىل بولغان « SWIFT » سىستېمىسىنىڭ بۇنىڭغا ئەڭ مۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مىنىستىر ھېيكو ماس ناۋادا يادرو كېلىشىمى  ئەمەلدىن قالسا ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ كېلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: كېلىشىم كۈچكە ئىگە بولۇپ تۇرغان ھەر بىر كۈن، ئوتتۇرا شەرققە خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغان ھەر قانداق كىرىزىستىن ياخشىراقتۇر، دېدى.

دۇنيا مىقىياسىدا خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە رەسمىيەتلىرى ئاساسەن دېگۈدەك مەركىزى بېلگىيەدە بولغان « SWIFT » دۇنيا پۇل ئوبوروت سىستېمىسى ئارقىلىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.

2012-يىلى ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىرانغا ئېمبارگو قويۇشنى يولغا قويۇشى سەۋەبىدىن، ئىران ھۆكۈمىتى « SWIFT » سىستېمىسىدىن چىقىرىپ تاشلانغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر