ئەردوغان دوللار ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان تۈركىيە خەلقىنى دوللار سېتىشقا چاقىرىق قىلدى.

1030009
ئەردوغان دوللار ھەققىدە چاقىرىق ئېلان قىلدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايبۇرتتا قىلغان سۆزىدە، چەت ئەل پېرېۋوتى باھاسىدىكى چايقىلىشلار ئۈستىدە توختالدى. 

ئۇ مۇنداق دېدى:

«دوللار موللار بىزنىڭ يولىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ. ھەرگىز ئەندىشىلەنمەڭلار. ياستۇق ئاستىدا ساقلاۋاتقان دوللىرى، ياۋروسى ۋە ئالتۇنى بار كىشىلەر دەرھال بانكىلىرىمىزغا بېرىپ، ئۇنى لىراغا ئالماشتۇرۇڭلار. بۇ بىر يەرلىك ۋە مىللىي كۈرەشتۇر. بۇ دۆلىتىمىزگە قارشى ئىقتىسادى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلارغا مىللىتىمنىڭ قايتۇرغان جاۋابى بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەر تۈركىيەگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق مەسىلىلەردە ھەربى سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغۇغۇچىلارنى قوغداش، تېررورچىلارنى باغرىغا بېسىش، ھەق - ھوقۇق ۋە قانۇن تونىماسلىق پوزىتسىيەسىدە بولۇشماقتا. ئىقتىسادىمىزدا يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان كۆرۈلگەن سەلىبىيلىكلەرمۇ بۇ ئازغۇنلۇقنىڭ پەرقلىق شەكلىدۇر»

ئەردوغان يەنە مۇنداق دېدى:

«بارلىق سەلىبىيلىكلەرگە قارشى تەييارلىقىمىز بار. چەت ئەل پېرېۋوتىغا، ئۆسۈملەرگە ۋە تەھدىتلەرگە قاراپ، خوشال بولۇپ كېتىۋاتقانلار بېكار زوقلىنىپ كېتىشمىسۇن. تۈركىيەمىزنىڭ نە مېكرو ئىقتىساد ئىستاتىستېكىسىدا، نە ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدە، نەر خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرۇش نىسبىتىدە، نە بانكىچىلىق سىستېمىسىدا قىلچە مەسىلە يوق تۇرۇغلۇق، سۇنئىي مالىيە مۇقىمسىزلىقىغا دۇچ كەلمەكتىمىز. تولىمۇ ئاددى بىر تۈركۈم پىكىر ئوخشىماسلىقىلىرى ئۈستىگە شەكىللەندۈرۈلگەن ھۇجۇملارنىڭ سەۋەبىنىڭ تېخىمۇ باشقا ئىكەنلىكى ئوتتۇرىدا تۇرۇپتۇ. بۇ خىل پوزىتسىيەلەردە بولغان دۆلەتلەر بىلەن ئوتتۇرىمىزدىكى مۇناسىۋەتلەر، ئورنىنى تولدۇرۇۋىلىش مۇمكىن بولمايدىغان دەرىجىدە زىيانلىق نۇقتىغا كېلىپ قالدى. شۇنىڭغا ئىشىنىڭلاركى، كىچىك ھېسابلارنى دەپ تۈركىيەنى قولدىن بېرىپ قويۇشقىمۇ پىسەنت قىلمايدىغانلار ئەتە چوقۇم قاتتىق پۇشايماندا قالىدۇ»

ئەردوغان ھېچقانداق دۆلەتكە قارشى خۇسۇسىي ئاداۋىتى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «بارلىق دۆلەتلەر بىلەن مەنپەئەتلەرىمىز ماسلاشقان نۇقتىلاردا ھەمكارلىق ئورنىتىمىز. مەنپەئەتلىرىمىز ئايرىلغان نۇقتىلاردىمۇ مەسىلىلىرىمىزنى مۇزاكىرە يولى بىلەن ھەل قىلىشقا تىرىشىمىز. بىراق مەسىلە تۈركىيەنى بۇلۇڭغا قىستاپ، مۇستەقىللىق ھوقۇقىمىزغا دەخلى يەتكۈزىدىغان بىر قىسىم مۇرەسسەلىشىشلەرگە زورلاشقا كەلگەندە بولسا، ئىش پۈتۈنلەي ئۆزگىرىدۇ. ئەيىبكە بۇيرىمىسۇنلار، بۇنداق چاغدا بىز ھېچ كىشىگە <خوش غوجىكا> دېيەلمەيمىز» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئاخىرىدا يەنە، «تانكا، ئايروپىلان، توپ ۋە ئوقتىن قورقمىغان بۇ مىللەت بۇ خىل تەھدىتلەردىن قورقۇپ قالارمۇ؟! بۇنداق خىيالدا بولغانلار بۇ مىللەتنى تېخى تونىمىغانلاردۇر. ئىراندىن رۇسىيەگىچە ۋە خىتايدىن ياۋروپادىكى بەزى دۆلەتلەرگىچە باشقىچە تاللاشلارنى يارىتىش جەھەتتە مۇھىم مۇساپىلەرنى بېسىپ بولغان ئەھۋالدىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر