فەيسبۇك تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشىنى باشتىن كەچۈردى

ئىجتىمائىي ئورتاقلىشىش تورى فەيسبۇك، بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىگە دائىر ئىقتىسادىي ئۇچۇرلىرى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، 150 مىليارد دوللار زىيان تارتتى.

1020662
فەيسبۇك تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر ئىقتىسادىي چېكىنىشىنى باشتىن كەچۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىجتىمائىي تاراتقۇ گورۇھى – فەيسبۇك تارىخىنىڭ ئەڭ ئېغىر پۇل – مۇئامىلە چېكىنىشىنى باشتىن كەچۈردى.

نيۇ يورك پۇل – مۇئامىلە بازىرى ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىنكى چەكلىك ئېلىپ – سېتىشلار ئەسناسىدا فەيسبۇكنىڭ پاي قىممىتى رېكورت خاراكتېرلىك تۆۋەنلەپ كەتتى.

پاي قىممىتى %21 تۆۋەنلەپ كەتكەن فەيسبۇك شىركىتى، 150 مىليارد دوللارغا يېقىن زىيان تارتتى. زىيانغا سەۋەب بولغان ئامىللار ئارىسىدا شىركەتنىڭ ياۋروپا رايونىدىكى ئاكتىپ 1 مىليون كۈنلۈك ئابونىتىنىڭ ئىجتىمائىي مېدىيا مۇنبىرىدىن ئايرىلىشى ۋە ئېشىپ كەتكەن چىقىملارنىڭ مۇھىم رول ئوينىغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ ئەھۋال، فەيسبۇكنىڭ قۇرغۇچىسى مارك زۇكېربېرگنىڭ بايلىقىنىڭمۇ 20 مىليارد دوللار ئازلاپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇنداق قىلىپ، ياش مىلياردېرنىڭ خۇسۇسىي بايلىقى 63 مىليارد 600 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالدى.


خەتكۈچ: #فەيسبۇك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر