ترامپ: خىتايغا 500 مىليارد دوللارلىق  قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلۇشى مۇمكىن

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتايغا 500 مىليارد دوللار قوشۇمچە  تاموژنا بېجى قويۇلۇش ئېھتىماللىقىنىڭ بارلىقىنى ئېيتتى.

1016561
ترامپ: خىتايغا 500 مىليارد دوللارلىق  قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇلۇشى مۇمكىن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئامېرىكىنىڭ «‹ CNBC › تېلېۋىزىيە قانىلى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا بارغانسېرى  كەسكىنلىشىۋاتقان سودا مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتايغا 500 مىليارد دوللارلىق قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشقا تەييارمەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىم ھەرگىزمۇ سىياسىي ئەمەس، ئەكسىچە دۆلىتىمىزنىڭ مەنەپەئەتى ئۈچۈندۇر. چۈنكى، ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈۋاتىمىز.»

خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تىجارەت ۋە پۇل – مۇئامىلە سىياسىتىگە ئوخشىغان تۈرلۈك ساھەلەردىكى ياخشى نىيىتىنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن ترامپ، خىتايغا قارىتا قويۇلۇۋاتقان قوشۇمچە تاموژنا باجلىرىنىڭ پەردە ئارقىسىدا ھەرگىزمۇ يامان نىيەت يوقلۇقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خىتايلارنىڭ بۇنىڭدىن قورقۇشىنى خالىمايمەن، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ ياخشى بولۇشىنى خالايمەن. خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنى ياخشى كۆرىمەن، بىراق، شۇنى تەكىتلەپ ئۆتىمەنكى، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋەتلىرى ھازىرغىچە ئادىل بولغىنى يوق.»

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئۆتكەن يىل ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى 505 مىليارد دوللار، خىتاينىڭ  ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان ئېكسپورت مىقدارى بولسا 130 مىليارد دوللار بولغان. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي بۇلتۇر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ تاشقى سودا تەتۈر پەرقى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ قالغان.

ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن 11 كۈن بۇرۇن خىتاينىڭ ئىنتىقام ئېلىش مەقسىتىدە ئىلگىرىكى ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە % 10 تاموژنا بېجى ئېلىشى سەۋەبىدىن، خىتاينىڭ 200 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى ئېلىنىدىغان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغانىدى.

بۇنىڭدىن 5 كۈن بۇرۇن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاينىڭ ئادىل بولمىغان سودا پائالىيەتلىرىگە جاۋابەن تەخمىنەن 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن % 25 قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىنىشقا باشلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر