ياۋروپا ئىتتىپاقى سومالىغا 200 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدۇ

ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇقىملىق باسقۇچىنى قوللاش مەقسىتىدە سومالىغا 200 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدۇ.

1014365
ياۋروپا ئىتتىپاقى سومالىغا 200 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى ئالاھىدە ۋەكىلى فېدېرىكا موغېرىنى  بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان «سومالى ھەمراھلىق مۇنبىرى» يىغىنىدا ئېچىلىش نۇتىقى سۆزلىگەندە مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقى سومالىنىڭ مۇقىملىق باسقۇچىنى قوللاش مەقسىتىدە سومالىغا قوشۇمچە 200 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىش توغرۇلۇق قارار چىقاردى.»

سومالىنىڭ سۈرئىتى ئاستا بولسىمۇ لېكىن مۇقىم ھالەتتە ئۇرۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن موغېرىنى، بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلدىن بۇيان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە مۇھىم ئىسلاھاتلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشقا باشلىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «خەلقئارا جەمئىيەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ۋەزىپىمىز، سومالى خەلقىنىڭ ئۈمىدىنى ئاقلاش ۋە سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلاھاتلىرىنى قوللاشتۇر.»

ياۋروپا ئىتتىپاقى ياردەملىرىدىن مەقسەتنىڭ بولۇپمۇ دۆلەت ئورگانلىرىنى بەرپا قىلىش ۋە تىنچلىق ئورنىتىشقا ھەسسە قوشۇش ئىكەنلىكىنى قەيت قىلغان موغېرىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئافرىقا ئىتتىپاقى سومالى  ھەربىي قىسمى ئۈچۈنمۇ 114 مىليون ياۋرو ياردەم بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فېرماجۇمۇ دۆلىتىدىكى ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقلىرىنى، كۈچلۈك، بىخەتەر بىر دۆلەت بەرپا قىلىش ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «سومالى ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، تۈركىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەللىرىنىڭ ياردىمى بولمىسا بۇنچىلىك كۆزگە كۆرۈنەرلىك ھالدا ئالغا ئىلگىرىلىيەلمىگەن بولاتتى.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر